Sevgili gençler bu yazımda sizlerle dertleşmek hasbihal etmek istiyorum. Sevgili gençler ancak ne var ki hayat devam ediyor. Bulunduğunuz ortamda yaşamak uyum sağlamak belki aşka yelken açmak gibi insani durumlar yaşıyorsunuz. Sevgili gençler; Öncelikle Türkistanda, Kazakistan, Kırgızistan, Özbekistan, Azerbaycan, Doğu Türkistan ve diğerleri için içinde bulunduğunuz şartlar farklılıklar arzetse de sorun hepimizin sorunu ve Müslüman Türk Milletini değerlerinden inancından kültüründen koparmaktalar! Sevgili gençler;
Sevgili gençler;
Tarih Şuuru; Kendimizi tanımak ve geçmişte yaşanılanlardan ders alınmalıdır.
Vesselam... ئۇيغۇر، قىرغىز، قازاق ۋە تۈركمەن ياشلىرىغا مەكتۇپ؛
خالىس ئۆزدەمىز
قەدىرلىك ياشلار، بۇ مەكتۇپتا سىلەر بىلەن دەردلەشمەكچى، سۆھبەتلەشمەكچىمەن. ياشلار؛ سىلەر قىيىن شارائىتلاردا بۈگۈنگە كەلگەن ھەقىقىي تۈرك ئەۋلادلىرى. سىلەر تۇرۇۋاتقان قەدىمكى تۈرك يۇرتىدا بىر تەرەپتىن يىللار بويى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زالىم كوممۇنىست ئاسارىتى ئاستىدا قالغان ئەجدادلىرىڭلار مۆلچەرلىگۈسىز قىيىنچىلىقلارغا قارىماي بۈگۈن ئۈچۈن يېتىشتۈرگەن ياشلار سىلەر، يەنە بىر قىسمىڭلار كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئاستىدا ھازىرمۇ ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان، ھايات قېلىش ئۈچۈن بەزىلىرىڭلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، بەزىلىرىڭلار بولسا شەخسەن ئۆزۈڭلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلار ئۈچۈن كۈرىشىڭلارنى ناھايىتى قىيىن شارائىتتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلار!
قەدىرلىك ياشلار، ئەمما ھايات داۋاملىشىۋاتىدۇ. سىلەر تۇرۇۋاتقان مۇھىتتا ياشاش، ماسلىشىش، بەلكىم ئاشىق بولۇش قاتارلىق ئىنسانىي ئەھۋاللارنى بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزۈۋاتىسىلەر. كەڭ قورساقلىقىڭلارغا سېغىنىپ، سىلەر بىلەن بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىپ، دەردلەشمەكچىمەن. بۈگۈن يەر يۈزىدە ئىنسانىيەت زامانىۋىلىق ۋە دۇنياۋىلىشىشنىڭ تەسىرى ھەم بىر قىسىم پىلانلارنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۆزگەرمەكتە، ئۆز مەدەنىيىتىدىن، مىللىي تۇيغۇلىرىدىن ۋە مىللىي تۇرۇشىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىپ، جىمجىت ئاسسىمىلياتسىيە بولماقتا.
قەدىرلىك ياشلار؛ ئاسسىمىلياتسىيە توختىماي داۋاملاشماقتا!
ھەممىدىن بەك تۈركىستاندا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان، شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئىچىدە تۇرۇۋاتقان شارائىتلار پەرقلىق بولسىمۇ، بۇ مەسىلە ھەممىمىزنىڭ مەسىلىسى ۋە مۇسۇلمان تۈرك مىللىتىنى قىممەت قاراشلىرىدىن، ئېتىقادىدىن، مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋەتمەكتە! ئالدى بىلەن شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بىز ئوخشاش مىللەت، ئوخشاش ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئىگىلىرى. سىلەرگە تەۋسىيەلىرىمنى سەۋەبلىرى بىلەن ماددىلار ھالىتىدە سۇنماقچىمەن. قەدىرلىك ياشلار، ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى ۋە سىرتتىن دۆلەتلىرىمىز ۋە مىللىتىمىزگە قارشى دۈشمەنلىك پوزىتسىيەلەرگە قارشى نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئىپادىلىمەكچىمەن.
قەدىرلىك ياشلار؛ 1. تىل بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. 2. دىنىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ئۆگىنىشىمىز، ياشىشىمىز ۋە ياشىتىشىمىز كېرەك. مىكرو مىللەتچىلىك قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئىرقچىلىق بىزنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنگەن. 3. شانلىق تارىخىمىزنى ئۆگىنىشىمىز ۋە تارىخىمىزدىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك. تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز، دىنىمىز ئۇنتۇلدۇرۇلدى! 4. ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىز پەننىڭ يېتەكچىلىرى بولغان. ئىلىم پەننىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان ئونلىغان مۇسۇلمان تۈرك ئالىملىرى بىلەن پەخىرلىنىمىز. ئالىملىرىمىزنى تونۇشىمىز، تونۇشتۇرۇشىمىز ۋە ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك. سىلەر مەدەنىيەتنىڭ پەرزەنتلىرى. يىگىت يىقىلغان يېرىدىن تۇرىدۇ. ئويغىنىپ، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىكى شانلىق ئورنىمىزنى ئېلىشىمىز كېرەك. كەلگۈسى ئۈچۈن غايىلىرىڭلار بولۇشى كېرەك! 5. دۆلەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنى باشقىلار قىلىپ بەرمەيدۇ! سىلەر قىلىسىلەر. 6. ئۆيلىنىڭلار، ئائىلەڭلارگە مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار، ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىڭلار. كۈچلۈك ئائىلە مىللەتنىڭ ئاساسىدۇر. 7. قىرغىزىستان، قازاقىستاندا خىتاي ياشلىرى بىلەن، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىمۇ ياشلارنىڭ قىز-يىگىت دېمەي باشقا مىللەتلەردىن كىشىلەر بىلەن توي قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپ خەۋەرلەر ئاڭلىماقتىمىز! تۈرك دۆلەتلىرىدە خىتايلار ئىش ۋە بىر قىسىم سەۋەبلەر بىلەن تۇرۇۋاتىدۇ. ھەشەمەتلىك ماشىنىلار بىلەن ئۆزىنى كۆز كۆز قىلىدىغان خىتاي ياشلىرىنىڭ بەزى قىرغىز، قازاق ۋە باشقا جايلاردىكى قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، توي قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئاڭلىماقتىمىز! بۇنداق توي قىلغانلار ۋە بۇ تويلارنى نورماللاشتۇرغانلاردىن شۇنى سورايمەن، مەسىلەن، گېرمان ياكى گوللاندىيەلىك، خىتاي ياكى ئەنگلىيەلىك خرىستىئان بىر ياش بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ياشنىڭ بالىلىرى مۇسۇلمان بولامدۇ؟ ئۇيغۇر بولامدۇ؟ بالىلارنى ئۇيغۇر دېيەلەمسىلەر؟ قازاق، قىرغىز ۋە باشقىلارغىمۇ ئوخشاش سوئالنى سورايمەن، بالىلىرىڭلار ياكى نەۋرىلىرىڭلارنىڭ دىنى ۋە مىللىتى نېمە بولىدۇ؟ قەدىرلىك ياشلار، باشقا دىن مەنسۇپلىرى بىلەن قىلغان تويلارنىڭ پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇقەررەر! بىر قىز ياكى يىگىت توي قىلغاندا ئۆزىگە يېڭى بىر ئائىلىمۇ ئالىدۇ. ئويلاپ بېقىڭلار، قېيىن ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە بارغىنىڭىزدا داستىخاندا چوشقا گۆشى مەھسۇلاتلىرى ياكى ھاراق! ئەلۋەتتە سىلەر يىراق تۇرىسىلەر، ئەمما بالىلىرىڭلار، نەۋرىلىرىڭلار شۇ مۇھىتتا چوڭ بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىزدە «كۆڭۈل پەرمان ئاڭلىمايدۇ» دېگەن سۆز بار. ئۇيغۇرلاردا بولسا «كۆڭۈل ياتقان يەرگە ئىت ياتمايدۇ» دېيىلىدىكەن! قەدىرلىك ياشلار، بىز تۈركىستان رايونىدا رۇسىيە ۋە خىتاي تەرىپىدىن مۇسۇلمان تۈرك ياشلىرى ۋە بالىلىرىنىڭ ئاسسىلىماسسىيە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.
سىلەر تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە توي قىلغاندا كىملىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىىشڭلار كېرەك كېرەك! ئەكسىچە بولغاندا، بىر-ئىككى ئەۋلاد كېيىن نە ئۇيغۇر، نە قازاق، نە قىرغىز قالمايدۇ!
بۇ تويلار مەدەنىيەت، دىن ۋە مىللىي كىملىكنىڭ ئۆزگىرىشىگە يول ئاچىدۇ.
مەرھۇم ئەلىيا ئىززەت بېگوۋىچنىڭ «ئۇرۇش جەڭ مەيدانىدا ئەمەس، دۈشمەنگە ئوخشاپ قالغاندا مەغلۇپ بولىدۇ» دېگەن سۆزى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ قاراشنىڭ ئىرقچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. دىنىي جەھەتتىن، مۇسۇلمان ئەر كىشىنىڭ ئەھلى كىتاب ئايال بىلەن زۆرۈر ئەھۋالدا توي قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنسىمۇ، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان كىشى بىلەن توي قىلىشىغا رۇخسەت يوق. بالا دادىسى كىم بولسا شۇنىڭغا تەۋە!
قەدىرلىك ياشلار، سىلەرگە توي قىلىش مەسىلىسىدە كۈچلۈك تەۋسىيەم: ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتىڭلارنى تاللاڭلار، ئەگەر ئىمكان بولمىسا مۇسۇلمان بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
8. ياشلار، ئۆزۈڭلارنى زامانىۋى مەدەنىيەت سەۋىيەسىدە يېتىشتۈرۈڭلار! بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە باشقۇرۇش توغرىسىدا بىلىم ۋە تەجرىبە توپلىشى، ۋەتىنىڭلار شەرقىي تۈركىستانغا قايتقىنىڭلاردا دۆلەت باشقۇرۇشقا تەييار بولۇشۇڭلار كېرەك!
9. قايسى دۆلەتتە بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر! ياشاۋاتقان دۆلىتىڭلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا ماسلاشقان ھالدا، ۋەتىنىڭلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ كۈرىشىڭلارنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭلار. نىشانىڭلار ۋە تىرىشچانلىقىڭلار ۋەتىنىڭلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك.
10. ئۇيغۇر ياشلىرى، چەت ئەلدە ياشاشقا مەجبۇر بولساڭلار، ئالدى بىلەن تۈركىيەدە ياشاشنى تاللاڭلار! تۈركىيەدە ياشاش مۇمكىن بولمىسا، مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ياشاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇڭلار! بالىلىرىڭلار ۋە ئۆزۈڭلار ئەزان ئاۋازى بىلەن ئويغىنىشىڭلار كېرەك!
11. بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە قېرىنداشلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان، بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە قېرىنداش جامائەت ۋە دۆلەتلەر ھەققىدە تارقىتىلغان خەۋەر ۋە تەشۋىقاتلار ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقى چاچقۇچىلارغا ئىشەنمەڭلار، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ساقلاڭلار. كەلگۈسىمىزنى قۇرۇشتا بۇ بىرلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوغداش ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
قەدىرلىك ياشلار؛ ئاسسىلىماسسىيە پۈتۈن دۇنيانىڭ باش ئاغرىقى. ئىنسانلار بىر-بىرىگە قاراپ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ! بەزىلەر ھەرگىز قىلمايدىغان، قىلغانلارنىمۇ ئەيىبلەيدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن نورمال دەپ قاراپ ماسلىشىدۇ.
ئەپسۇسكى، بىز دۇچ كېلىۋاتقان شارائىت ۋە ئەھۋال مانا مۇشۇنداق. شۇڭا ئىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن تۇرمۇش شارائىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك!
قەدىرلىك ياشلار ئۇنتۇماڭلار! پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىرى مۇسۇلمان ۋە تۈرك ئالىملىرىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىستان رايونىدىندۇر.
تارىخ ئېڭى: ئۆزىمىزنى تونۇش ۋە ئۆتمۈشتىكى ئىشلاردىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك.
قەدىرلىك ياشلار، سىلەر پەقەت ئەزىز تۈرك مىللىتىنىڭلا كەلگۈسى ئەمەس! سىلەر زۇلۇم، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىشغالىيەت ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە ئىچىدە خاراب بولغان ئىنسانىيەتنىمۇ قۇتۇلدۇرىدىغان ياشلارسىلەر!
مەزلۇملارنىڭ ئۈمىدىسىلەر! ئىنسانىيەت كۈچنى ھەق دەپ قارايدىغان مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشنى كۈتمەكتە. قۇتقۇزغۇچى دەل سىلەر! سىلەرگە ئىشەنچىمىز ۋە ئۈمىدىمىز تولۇق.
ۋەسسالام | |
Facebook Yorum
Yorum Yazın